دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
← بارلىق يازمىلارغا قايتىش
سۆھبەتUyghurSTEMتېببىي بىيوماتېرىياللار

نەق مەيدان سۆھبەت: دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت

بۇ قېتىم «UyghurSTEM ئېكرانى»مىزنىڭ 21-سانىدا ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا بىلەن ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى بولغان تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىيوخىمىيەلىك ماتېرىياللار ھەققىدە ئاممىباب سۆھبەتتە بولىمىز.

دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
•
نەق مەيدان سۆھبەت: دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت

بۇ قېتىم «UyghurSTEM ئېكرانى»مىزنىڭ 21-سانىدا ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلىتېتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا بىلەن ئوقۇش ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى بولغان تېببىي داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىيوخىمىيەلىك ماتېرىياللار ھەققىدە ئاممىباب سۆھبەتتە بولىمىز.

دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا كىم؟

دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا 2011-يىلى شاڭخەيدىكى تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە ئىنژېنېرلىقى بويىچە باكلاۋۇرلۇقنى تاماملىغان بولۇپ، خىمىيە ئىنژېنېرلىقىدا داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن شۇ يىلى ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ، 2014-يىلى 6-ئايدا ماگىستېرلىق، 2019-يىلى 5-ئايدا دوكتورلۇقنى غەلبىلىك تۈگەتكەن.

ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ قىسىم تەتقىقاتلىرىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نانو تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە تاماملىغان بولۇپ، دوكتورلۇقنى تۈگەتكەندىن كېيىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نانو تېخنىكىسى تەتقىقان مەركىزىدە ئىككى يىلغا يېقىن ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن، 2021-يىلى كۈزدىن باشلاپ ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە فاكۇلىتېتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى يېڭىلاش خاراكتېرلىك ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىسى (Tissue Engineering) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق بىيوماتېرىيال لايىھەلەش ھەققىدە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە بۇ ساھەدە بەش تەتقىقات تۈرىنى ئاساسلىق تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تاماملىغان.

دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا ھازىرغىچە ئۆزى قىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا 15 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە تەتقىقات جەريانىدا ئالاھىدە يېڭىلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم نەتىجىلەرنى كەشپىيات سۈپىتىدە «ئامېرىكا پاتېنت ۋە ماركا ئىدارىسى»غا سۇنغان بولۇپ، ھازىرغىچە 7 كەشپىياتى مەزكۇر ئىدارە تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان.

نەق مەيدان سۆھبەت: دوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت