ئالماستەك ياشامدۇق كۆمۈردەكمۇ؟
ئىنساننىڭ ھاياتتىكى قىممىتى، مەقسىتى ۋە روھىي ھالىتىنى ئالماس بىلەن كۆمۈرنىڭ ئۆزئارا سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق تەبىئەت ۋە پەلسەپەۋى نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ


ئالماس بىلەن كۆمۈرنىڭ پەرقىئالماس بىلەن كۆمۈرنى سېلىشتۇرۇش نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ بىمەنە ھېسابلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى مەيلى قايسى نۇقتىدىن سېلىشتۇرساق بۇ ئىككى ماددا بىزگە تامامەن ئىككى دۇنيادەك بىلىنىدۇ. مەسىلەن سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتىن ئالماس سۈزۈك پارقىراق كېلىدۇ، كۆمۈر بولسا قارا، قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سۈزۈكلۈكنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئالماس يەر شارىدىكى ئەڭ قاتتىق ماددا ھېسابلىنىدۇ، كۆمۈر ئەكسىچە چۈرۈك، يۇمشاق كېلىدۇ. ئالماس ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ، زىبۇ-زىننەت دۇنياسىنىڭ خانتاجى ھېسابلىنىدۇ. كۆمۈر بولسا ئاساسەن ئوت قالىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يەنى ئۇنىڭ مەنپەئەتى "ئۆلگەن"دىن كېيىن كېلىدۇ. ئالماسنىڭ خۇددى دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرىغا ئوخشاش قوغدىغۇچىلىرى بار بولۇپ، توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا بىخەتەرلىكى ئالاھىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. كۆمۈر ئادەتتە چوڭ يۈك ماشىنىلىرى ئارقىلىق توشۇلىدۇ ۋە ئادەتتىكى ئىسكىلاتتا ساقلىنىدۇ. نەچچە ئون توننا كۆمۈردىن بىرەر ئىككى يۈز كىلو كۆمۈرنىڭ توشۇش ۋە ئامبارغا يۆتكەش جەريانىدا يوقاپ كېتىشى ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ. ئەمما سىز بۇ ئىككى ماددىنىڭ ئاساسلىقى كاربوندىن ئىبارەت بىرلا ئانا ماددا ياكى ئېلېمېنتتىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن بىرلا ئېلېمېنتتىن تۈزۈلگەن بولسا، بۇ قەدەر زور پەرق نەدىن كېلىپ چىققان؟ بىز بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال كاربوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىر بىلىپ چىقايلى: ھازىرقى زامان خىمىيە ئىلمىدە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ماددىلار 90 دىن ئارتۇق ئېلېمېنتنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان دەپ قارىلىدۇ. ماددىلار ئىچىدە ئالتۇن، كۈمۈشكە ئوخشاش بىرلا خىل ئېلېمېنتتىن تۈزۈلىدىغانلىرىمۇ، سۇ ۋە ياغقا ئوخشاش بىردىن ئارتۇق ئېلېمېنتنىڭ ئارىلىشىشىدىن تۈزۈلىدىغانلىرىمۇ بار. بۇ ئېلېمېنتلاردىن بىز بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولغان بىر ئېلېمېنت كاربون بولۇپ، ئۆز بەدىنىمىزدىن تارتىپ يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزگىچە، كىيىم-كېچىكىمىزدىن تارتىپ تۇرالغۇ ۋە يېقىلغۇلىرىمىزغىچە .... ئۇنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئالىملار ھازىرغىچە ئېنىقلاپ چىققان تەركىبىدە كاربون بار خىمىيەلىك بىرىكمىلەر 200 مىليوندىن ئاشىدىكەن. كاربوننىڭ بۇ قەدەر كۆپ بىرىكمىلەرنى ھاسىل قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ ئەپچىلگىنە تۆت دانە «قولى»نىڭ بولغانلىقىدا. بۇ قوللارنىڭ قايسى ئېلېمېنتقا، قانچىلىك كۈچ بىلەن، قانداق شەكىلدە سۇنۇلۇشى ھاسىل بولغان ماددىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە پەۋقۇلئاددە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا يەككە كاربونلار بىر-بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇش ئۇسۇلى ۋە تىزىلىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ ئالماس ۋە كۆمۈرگە ئوخشاش بىر-بىرىدىن پەرقلىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ئالماستىكى كاربونلار بىر-بىرى بىلەن جىپسىلاشقان ھالدا ئىنتايىن تەرتىپلىك ھالدا جايلاشقان بولۇپ، ھەربىر كاربون ئاتومى ئەتراپىدىكى تۆت دانە كاربون ئاتومى بىلەن ئاسانلىقچە ئايرىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە مۇناسىۋەت بېغى قۇرغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، كۆمۈردىكى كاربونلار تەرتىپسىز شەكىلدە جايلاشقان بولۇپ، ھەربىر كاربون ئاتومىنىڭ ئەتراپتىكى كاربون ئاتومى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆپىنچە قالايمىقان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كاربون ئاتوملىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بېغى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا تاشقى كۈچلەرنىڭ (مەسىلەن ئوت ياكى بولقا) قۇربانى بولالايدۇ. دېمەك ئالماس بىلەن كۆمۈر ئارىسىدىكى شۇ قەدەر زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل_ تەرتىپ ئىنتىزامدۇر. ئىنتىزام ئالەمدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىسىدۇربىز كۈچ-قۇدرەت تىلغا ئېلىنسا، ئادەتتە كۆز ئالدىمىزغا بىپايان ئاسمان، ھەيۋەتلىك تاغلار، تېگىگە يەتكۈسىز ئوكيانلار ۋە ئۇنىڭ باغرىدىكى گىگانت مەخلۇقلارنى كەلتۈرىمىز. بىزنىڭ كۈچ ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ماددىي ھەجىم، رەقەم، بايلىق ياكى جىسمانىي قۇۋۋەت بىلەن چەكلىنىپ قالغان. ئەمما مۇقەددەس دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمدىن ئىزدەنگىنىمىزدە، «ھەجىم ۋە رەقەم — كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى» دەيدىغان كۆز قاراشنىڭ تولىمۇ تار مەنىدىكى بىر كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە بۇ كۆز قاراش كەسكىن رەت قىلىنغان. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا «سۈرە تەۋبە»نىڭ 25-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «شەكسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين (ئۇرۇشى بولغان) كۈنىدە ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار.» بۇ ئايەت بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئەگەر كۈچ پەقەت سان ۋە ماددىي ئۈستۈنلۈك بىلەنلا باھالانسا ئىدى، ھۇنەين غازىتىدىكى زور قوشۇن مەغلۇپ بولمىغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا يەنە «سۈرە بەقەرە»نىڭ 26-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەقىقەتنى بايان قىلىش ئۈچۈن) پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، ئىمان ئېيتقانلار ئۇنى رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ...» بۇ يەردە ھەقىقىي قۇدرەتنىڭ ھەجىمدە ئەمەس، بەلكى شۇ كىچىك پاشىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۈيۈك بىيولوگىيەلىك سىستېمىدا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا ھەقىقىي كۈچ-قۇدرەت نېمە بىلەن ئۆلچىنىشى مۇمكىن؟ ئەينى مەنتىقە بويىچە قۇرئان كەرىمدىن ئىزدەنگىنىمىزدە، ئاللاھ تائالانىڭ تەرتىپ ۋە ئىنتىزامنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك نامايەندىسى سۈپىتىدە بايان قىلغىنىنى كۆرەلەيمىز. ئاللاھ تائالا «سۈرە ياسىن»نىڭ 38~40-ئايەتلىرىدە كۈن ۋە ئاينىڭ مەلۇم ئوربىتىدا، مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنۇپ ئۈزۈپ يۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، كائىناتنىڭ تايانچ نۇقتىسىنىڭ «تەرتىپ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «...كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى (ئايرىم) ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ.»بۇ بۈيۈك ئىنتىزام كائىناتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا «مۈلك سۈرىسى»نىڭ 3-ئايىتىدە بىزنى بۇ تەرتىپتىكى مۇكەممەللىككە تېخىمۇ چوڭقۇر نەزەر سېلىشقا چاقىرىدۇ: «ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرىنى قۇراشتۇرۇپ ياراتتى، رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچقانداق نۇقساننى كۆرمەيسەن. قايتا بىر قارا، بىرەر يوچۇق (ياكى نۇقسان) كۆرەمدىكەنسەن؟» ئايەتتىكى «نۇقسانسىزلىق»نىڭ ئۆزى ماتېماتىكىلىق بىر ئىنتىزام بولۇپ، ئەگەر كائىناتتىكى تارتىش كۈچى ياكى ئاتوملارنىڭ قۇرۇلمىسىدا قىلدەك بىر تەرتىپسىزلىك بولسا، كۈچ دەپ بىلىنگەن پۈتۈن ماددىي دۇنيا بىر دەقىقىدە غۇلاپ چۈشكەن بولاتتى. قۇدرەت — زور ھەجىمدە ئەمەس، بەلكى شۇ ھەجىمنى مەۋجۇت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىنتىزامدۇر. «فۇرقان سۈرىسى»نىڭ 2-ئايىتىدە ئېيتىلغاندەك: «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۇنى مەلۇم ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېكىتتى.» مانا بۇ «ئۆلچەم» كۈچنىڭ مەنبەسىدۇر.بۇ سىستېمىلىق ئىنتىزام پەقەت كائىنات جىسىملىرىدىلا ئەمەس، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيىتىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىز كۆپىنچە «نەدە سان كۆپ بولسا، شۇ يەردە كۈچ بار» دەپ قارايمىز، لېكىن ئاللاھ تائالا «بەقەرە سۈرىسى»نىڭ 249-ئايىتىدە بۇ خىل پىكىرگە رەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «...ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: "ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئازغىنا بىر گۇرۇپپا نۇرغۇن قوشۇنلار ئۈستىدىن غالىب كەلگەن" دېدى. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.» بۇ يەردىكى «ئازغىنا گۇرۇپپا»نىڭ غەلىبىسى ئۇلارنىڭ سانىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىكى ئىچكى ئىنتىزامدا، يەنى «سەۋر» بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىتائەت ۋە ساداقەتتىدۇر. ئەكسىچە، تالاش-تارتىش ۋە ئىنتىزامسىزلىق كۈچنى پارچىلاپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا «ئەنفال سۈرىسى»نىڭ 46-ئايىتىدە بىزنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشماڭلار، بولمىسا روھىڭلار چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ.» بۇ ئايەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنتىزام ۋە ئىتائەت كۈچنى جەملىگۈچى، تالاش-تارتىش ۋە تەرتىپسىزلىك بولسا كۈچنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغۇچى ئامىلدۇر.خۇلاسىلىگەندە، ئىنتىزام كۈچنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. يۇلتۇزلارنىڭ مىلياردلىغان يىللاردىن بېرى ئوربىتىسىدىن چىقماي ئايلىنىشى، ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇرەككەپ ۋە تەرتىپلىك ھاياتى، ئىنسان بەدىنىدىكى مىلياردلىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلىشى — بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە شۇنى سۆزلەيدۇكى: قۇدرەت ساندا، ھەجىمدە ياكى ماددىي بايلىقتا ئەمەس، بەلكى شۇ ماددىنى بىر نىشانغا باغلاپ، بىر تەرتىپ ئىچىدە تۇتۇپ تۇرالىغان ئېنتىزامدىدۇر. ئاللاھ تائالا «قەمەر سۈرىسى»نىڭ 49-ئايىتىدە: «ھەقىقەتەن بىز ھەممە نەرسىنى مەلۇم بىر تەقدىر (نىزام) بىلەن ياراتتۇق» دەپ جاكارلاش ئارقىلىق، بۇ ھەقىقەتنىڭ پۈتۈن بارلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. كىم ئىنتىزامغا بويسۇنسا، ئۇ كائىناتتىكى بۈيۈك قۇدرەت بىلەن بىرلىشىدۇ؛ ئەكسىچە كىمكى ئىنتىزامدىن چىقىپ كەتسە، ئۇ جىسمانىي جەھەتتىن قانچە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەيران بولۇشقا مەھكۇمدۇر.ئىسلام ئىنتىزام دىنىدۇرئىسلام دىنى ماھىيەت جەھەتتىن پۈتۈن بىر ھاياتنى ئاللاھنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە تۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇكەممەل بىر «ئىنتىزام سىستېمىسى» دۇر. بۇ سىستېما ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى بىر نۇقتىدىن باشلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چەت نۇقتىلىرىغىچە كېڭىيىدۇ ۋە كائىناتتىكى ئۇلۇغ تەرتىپ بىلەن ماسلىشىدۇ. ئىسلامدىكى ئىنتىزام ئاۋۋال قەلبتىن، يەنى ئىماندىن باشلىنىدۇ. بىر مۇئمىن «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ شاھادەت ئېيتقان دەقىقىدىن باشلاپ، ئۆزىنى قالايمىقانچىلىقتىن، تۈرلۈك باتىل ئىلاھلارنىڭ، يەنى شەھۋەت، پۇل، مەنسەپ ۋە مەنپەئەتنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزۇپ، بىرلا ھەقىقىي مەركەزگە — ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلايدۇ. بۇ يەردىكى «مۇتلەق بويسۇنۇش» قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى كائىناتتىكى مۇكەممەل تۈزۈمنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇش ئارقىلىق كەلگەن ئاڭلىق تاللاشتۇر. رەسۇلۇللاھقا بويسۇنۇش بولسا، شۇ ئىلاھىي ئىنتىزامنىڭ ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى جانلىق ئۈلگىسىگە ئەگىشىشتۇر. ئەگەر بىر ئارمىيەدە ئەسكەرلەر قوماندانغا بويسۇنمىسا، ئۇ يەردە غەلىبە بولمىغىنىدەك، ھايات جېڭىدە ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىنسانمۇ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. ئىمان ئىنساننى ئۆز نەپسىنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنىڭ خىزمەتكارىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ بۈيۈك روھى تىنچلىق ۋە تەرتىپنى تىكلەيدۇ.ناماز — ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنساننى ھەر كۈنى بەش قېتىم «ئۆزىنى تەكشۈرۈش»كە چاقىرىدىغان بىر ئىنتىزام مەكتىپىدۇر. نامازنىڭ ۋاقتى بىلەن بىللە پەرز قىلىنىشى مۇسۇلماننىڭ كۈنلۈك پائالىيىتىنى ۋاقىتقا ماسلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ كىلاسسىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك «ۋاقىت باشقۇرۇش» پىلانىدۇر. ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ جىسمانىي ھەرىكەتلىرى، يەنى قىيام، رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە بولۇشى، كۆزنىڭ سەجدىگاھتىن ئايرىلماسلىقى روھنىڭ دىققەتنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش مەشىقىدۇر. مەسچىتتە ئىمامغا ئەگىشىش بولسا جەمئىيەتتىكى رەھبەرلىككە قانداق بويسۇنۇشنى ئۆگىتىدۇ. سەپنىڭ تۈز بولۇشى ۋە مىڭلىغان كىشىنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىشى مۇسۇلمانلارغا ئىجتىمائىي بىرلىك ۋە تەرتىپنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەر كۈنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.روزا ئىبادىتى ئىنتىزامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان چەك-چېگراسىز ئارزۇلىرىغا «توختا!» دېيەلەيدىغان ئىرادىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلىرى بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ھەۋەسلەرنى مەلۇم ۋاقىت چەكلىمىسى ئىچىدە تىزگىنلىشى ئۇنىڭغا ئۆزىنى كونترول قىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. روزا تۇتقان كىشى ھەرقانچە قورسىقى ئېچىپ كەتسىمۇ تاماق يېمەيدۇ؛ ھەرقانچە ئۇسساپ كەتسىمۇ سۇ ئىچمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭ بۇ ئىستەكلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان بىر «ئىلاھىي قانۇن» بار ۋە بۇ ئىلاھى قانۇنغا ئىتائەت قىلالايدىغان بىر روھى كۈچ بار. بۇ جەريان ئىنساندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ۋە سەۋر ئىنتىزامىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ «ئىنتىزام لاگېرى» ئىنساننى يىل بويى ئۆز نەپسىنى باشقۇرۇشقا، ھارامدىن ھەزەر ئەيلەشكە ۋە جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشقا يېتەرلىك قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.زاكات — ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ ئىنتىزامىدۇر. ئۇ بايلىقنىڭ مەلۇم بىر گۇرۇپپا ئارىسىدىلا ئايلىنىپ يۈرۈشىنى توسۇپ، جەمئىيەتتىكى مال-مۈلۈك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. زاكات بايلىقنىڭ قالايمىقان يىغىلىشىنى توسۇپ، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئادالەتسىزلىك ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. زاكات بېرىش ئارقىلىق مۇسۇلمان كىشى ئۆز مال-دۇنياسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا ئۆزى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭمۇ تېگىشلىك ھەققى بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ، ئىنساننى بېخىللىقتىن، مال دۇنيانى خالىغانچە بۇزۇپ چېچىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە مېھىر-مۇھەببەت، ئورتاق مەسئۇلىيەت ۋە ئىقتىسادىي مۇۋازىنەتنى پەيدا قىلىدۇ.ھەج ئىبادىتى ئىسلام ئىنتىزامىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دۇنياۋى پەللىسىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىليونلىغان كىشىنىڭ بىر خىل كىيىم (ئىھرام) كىيىپ، بىرلا نىدا بىلەن بىر مەركەزنى ئايلىنىشى كائىناتتىكى سەييارىلەرنىڭ تەرتىپى بىلەن ماسلىشىشتۇر. ھەج جەريانىدىكى ھەر بىر قەدەم — تاۋاپتىن سەئيىگىچە، ئەرەپاتتا تۇرۇشتىن مىنادا تاش ئېتىشقىچە — ناھايىتى قاتتىق تۈزۈم ۋە ئىنچىكە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى چەكلىمىلەر، مەسىلەن، ئوۋ ئوۋلىماسلىق، گەپ تالاشماسلىق ۋە ئەخلاقنى ساقلاش، ئىنساننى ئەڭ قىيىن شارائىتتا ئەڭ يۇقىرى ئەخلاق ئىنتىزامىدا تۇرۇشقا مەشىق قىلدۇرىدۇ. ھەج مۇسۇلمانلارغا بىر ئۈممەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياۋى تەرتىپنى ۋە باراۋەرلىك ئىنتىزامىنى قانداق بەرپا قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.ئىسلام يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مۇكەممەل بىر ھاياتلىق نىزامىدۇر. تاھارەت ۋە غۇسۇل ئارقىلىق بەدەن پاكىزلىقى كۈندىلىك بىر تۈزۈمگە ئايلىنىدۇ. يالغان سۆزلىمەسلىك، غەيۋەت قىلماسلىق ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ... قاتارلىقلار جەمئىيەت تەرتىپى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي نىزاملاردۇر. ھەتتا تاماق يېيىش، ئۇخلاش، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشقىچە بولغان سۈننەت ئىشلار ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئەڭ پايدىلىق ۋە ئەڭ راھەت بىر قېلىپقا سالىدۇ. بۇ خىل ئەتراپلىق ئىنتىزام ئىنساننى زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ياكى چۈشكۈنلىشىشتىن ساقلاپ، ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا مەزمۇت تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.خۇلاسىلىگەندە، ئىسلام بىر «ئىنتىزام دىنى» دۇر. ئۇ ئاسمان بىلەن زېمىننى، روھ بىلەن بەدەننى، شەخس بىلەن جەمئىيەتنى بىر نىزامغا باغلايدۇ. ئىسلامنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش — خۇددى سەييارىلەرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئۆز ئوربىتىسى بويىچە ئايلىنىشىغا ئوخشايدۇ؛ ئەگەر ئۇلار ئوربىتىسىدىن چىقىپ كەتسە، كائىنات ۋەيران بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنسانمۇ ئىسلام كۆرسەتكەن ئىنتىزام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە، ئۆز ھاياتىنى ۋە ئەتراپىنى ۋەيران قىلىدۇ. ھەقىقىي ئىمان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا باش ئەگكەن، ئەمما زۇلۇمنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتالايدىغان، ئۆز نەپسىنى كونترول قىلالايدىغان يۇقىرى ئىنتىزاملىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، بىز ئىبادەتلەرنى ئۆتەۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ بىزنى قانداق بىر ئىنسان قىلىپ تەربىيەلەۋاتقانلىقىغا ۋە ھاياتىمىزنى قانداق سىستېمىلاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز لازىم. ئىنتىزام بىزنى چەكلەيدىغان زەنجىر ئەمەس، بەلكى بىزنى تۇراقسىزلىق ۋە مەقسەتسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتقۇزىدىغان ئەڭ چوڭ كاپالەتتۇر. ئۇيغۇرلاردا ئىنتىزام كىرىزىسىئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنىڭ ئەڭ مۈشكۈل ئۆتكىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز دائىم ئۆزىمىزگە: «بىز نېمە ئۈچۈن بۇ كۈنگە قالدۇق؟» دەپ سوئال قويىمىز. بۇ سوئالغا بېرىلگەن جاۋابلار ئادەتتە سىرتقى ئامىللارغا مەركەزلىشىدۇ: سىياسىي بېسىم، ئىقتىساد جەھەتتىن مۇستەقىل بولالماسلىق، تېخنىكا جەھەتتىكى ئارقىدا قېلىش ياكى نوپۇس نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى. ئەلۋەتتە، بۇلار رېئاللىق. ئەمما، بىر مىللەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى پۇختا بولسا، سىرتقى بوران-چاپقۇنلار ئۇنى ئاسانلىقچە يىقىتالمايدۇ. بىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئاجىزلىقىمىز — سىرتقى دۈشمەندىن بەكرەك، ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكى چۇۋالچاقلىق، تەرتىپسىزلىك ۋە ئىنتىزامسىزلىقتۇر. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «چۇۋالچاقلىق» ۋە ئىنتىزامسىزلىق پەقەت بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ بىر مەدەنىيەت كېسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ چۇۋالچاقلىق بىزنىڭ كۈچىمىزنى چېچىۋېتىدۇ، ئىشەنچنى يوقىتىدۇ ۋە تەرەققىياتىمىزنى چەكلەيدۇ. تۆۋەندە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى چۇۋالچاقلىقنىڭ بەزى ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرىگە بىرلىكتە قاراپ باقايلى: ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلىكى ۋە «كېچىكىش مەدەنىيىتى»: ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك چۇۋالچاقلىق ۋاقىتقا بولغان سەل قاراشتا ئىپادىلىنىدۇ. توي-تۆكۈن، يىغىلىش ياكى رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا مىنۇت ئەمەس سائەتلەپ كېچىكىشنى «نورمال» دەپ قاراش، ھەتتا بۇنى «ئۇيغۇرچە ۋاقىت» دەپ چاقچاققا ئايلاندۇرۇۋېلىش — بىزنىڭ كوللېكتىپ ئىنتىزامسىزلىقىمىزنىڭ بىرىنچى بەلگىسى. ۋاقىتنى باشقۇرالمىغان مىللەت پۇرسەتنى تۇتالمايدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى دۇنياۋى تەرەققىياتلار سېكۇنت بىلەن ھېسابلىنىدىغان قاتتىق ئىنتىزام ئۈستىگە قۇرۇلغان. ۋەدە ۋە سۆزدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك: بىزدىكى چۇۋالچاقلىق سۆز بىلەن ئەمەلنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىشقا بەك ئاسان ۋەدە بېرىش، ئەمما ئىشقا كەلگەندە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇش جەمئىيەتتىكى ئىشەنچ ئاساسىنى يىمىرىپ تاشلىدى. سۆزىدە تۇرالمايدىغان كىشىلەر بىر-بىرىگە تايىنىپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، نەتىجىدە ھەممە ئادەم يالغۇز قالىدۇ ۋە كۈچىمىز چېچىلىپ كېتىدۇ.سىستېمىلىق پىلاننىڭ ئورنىنى ھېسسىياتنىڭ ئىگىلىشى: بىز بىر ئىشنى باشلىغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تېخنىكىلىق جەريانىنى، خەۋپ-خەتىرىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزمەي، پەقەت شۇ چاغدىكى قىزغىنلىقىمىزغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىمىز. بۇ خىل «تېز قىزىپ تېز سوۋۇش» خاراكتېرى نۇرغۇنلىغان ئېسىل پىكىر ۋە لايىھەلەرنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. پىلانلىق ئىش قىلىش ئۇزاققا سوزۇلىدىغان سىستېما قورۇش ۋە شۇ سىستېما ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بىزدىكى چۇۋالچاق زېھىن بۇنداق زېرىكىشلىك سىستېمىغا بويسۇنۇشنى خالىمايدۇ. تەشكىلىي بىرلىككە بويسۇنماسلىق ۋە «باشلىق بولۇش» كېسىلى: بىزنى كوللېكتىپ ئىشلاردا بىر نىزامنامىگە ياكى بىر رەھبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشتا بەكلا ئاجىز دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئەڭ ئەقىللىك چاغلايدىغان، ھەركىم ئۆزىچە بىر يول تۇتىدىغان بۇ خىل «ئارا پىكىر» چۇۋالچاقلىقى بىزنىڭ تەشكىلىي كۈچىمىزنى نۆلگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەسكەر بولۇشنى خالىمايدىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان مىللەتنىڭ باشلىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ قوشۇنى بولمايدۇ.ئىقتىسادىي ئىسراپخورلۇق ۋە دەبدەبىۋازلىق: بىزدىكى چۇۋالچاقلىق مال-دۇنيانى سەرپ قىلىشتا ئىنتايىن ئېغىر. تېجەشلىك بولۇش، كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىمنى سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئورنىغا، بىر كۈنلۈك توي ياكى مەرىكىلەرگە يىللاپ يىغقان بايلىقىمىزنى چېچىۋېتىمىز. بۇ خىل ئالدىنى كەينىنى ئويلىماسلىق بىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمىشە ئاجىز ۋە باشقىلارغا تايىنىدىغان بولۇپ قېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆگىنىشتىكى يۈزەكىلىك ۋە سۈپەتسىزلىك: ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا دۇنياسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يۈكسەك سەۋرچانلىق ۋە قاتتىق ئىنتىزام تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان. ئەمما بىز بىرەر بىلىمنى ئاساسىدىن باشلاپ مۇكەممەل ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ يۈزىدىن ئازراق بىلىپ قويۇش بىلەنلا قايىل بولىمىز. روھىمىزنىڭ چۇۋالچاقلىقى بىزنى زېرىكىشلىك تەتقىقاتلاردىن قاچۇرۇپ، ئاسان قولغا كېلىدىغان ئەمما قىممىتى تۆۋەن ئۇچۇرلارغا باغلاپ قويىدۇ. ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا سەل قاراش: ئۆچرەتنى قالايمىقان قىلىش، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلماسلىق ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارنىڭ ھەققىگە دەخلى قىلىش — جەمئىيىتىمىزدىكى تەرتىپسىزلىكنىڭ كۈندىلىك كۆرۈنۈشى. بىز شەخسىي ئەركىنلىك بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ چېگراسىنى پەرقلەندۈرەلمەيمىز. بىزدىكى بۇ خىل نېمە قىلسام ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەيدىغان مۇتتەھەم مىجەز جەمئىيەتنى بىر گەۋدە ئەمەس، بەلكى بىر-بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان زەررىچىلەر توپى قىلىپ قويىدۇ.غەيۋەتخورلۇق ۋە ئىچكى نىزاغا سەرپ قىلىنغان زېھىن: بىز ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، كوللېكتىپ ئىنتىزام قۇرۇشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىزنى باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تېپىشقا، غەيۋەت قىلىشقا ۋە مەنىسىز تالاش-تارتىشلارغا سەرپ قىلىمىز. روھىي دۇنيامىزدىكى بۇ چۇۋالچاقلىق بىزنى ئىجادىيەتتىن ئايرىپ، ئۆزئارا ئۆچمەنلىككە ئىتتىرىدۇ. بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولۇش بىزدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي كېسەل. مۇھىت ۋە ئاممىۋى مۈلۈككە بولغان بىپەرۋالىق: ئۆز ئۆيىمىزنى پاكىز تۇتقان بىلەن، ئورتاق ياشايدىغان مۇھىتىمىزنى، كوچىلارنى ۋە تەبىئەتنى قوغداشتا ئىنتايىن چۇۋالچاقمىز. ئەخلەتنى خالىغان يەرگە تاشلاش، ئاممىۋى مال-مۈلۈكنى ئاسرىماسلىق — مىللىي مەسئۇلىيەت ئىنتىزامىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدەك كۆرمەسلىك بىر مىللەتنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن مۇھىم ئامىلمەسئۇلىيەتنى سىرتقا ئىتتىرىش ۋە باھانە ئىزدەش: ھەرقانداق بىر مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ئۆزىمىزدىكى ئىنتىزامسىزلىق ۋە خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، دۇنيانى، ۋەزىيەتنى ياكى باشقىلارنى ئەيىبلەيمىز. بۇ خىل «باھانە تېپىش» چۇۋالچاقلىقى بىزنى ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىق — بىر مىللەتنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىنتىزام بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى تەرتىپ ۋە ئىنتىزام بەرپا قىلىش بىر كۈنلۈك قىزغىنلىق ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر «ئادەت ئىسلاھاتى»غا موھتاج. سىستېمىلىق بىر جەمئىيەت قۇرۇش شەخسنىڭ ئۆز ۋاقتى ۋە سۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئىچكى ئىنتىزامىدىن باشلىنىدۇ. ئاندىن بۇ تەرتىپ ئائىلە ئىچىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيەت ۋە قائىدە-يوسۇنلار ئارقىلىق كوللېكتىپ بىر ئادەتكە ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، مۇشۇنداق تەرتىپلىك ھۈجەيرىلەردىن تەشكىللەنگەن جەمئىيەت چۇۋالچاقلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھېچقانداق كۈچ يىمىرىپ تاشلىيالمايدىغان مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. تۆۋەندە شەخس، ئائىلە ۋە جامائەت نۇقتىسىدىن ئىنتىزام بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.شەخسىي ئىنتىزام بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىزېھنىيەتنى قايتا قۇرۇش: «قۇربان بېرىش» ئەمەس، «سېلىنما» دەپ بىلىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئىنتىزامنى ئەركىنلىكنى قۇربان بېرىش دەپ خاتا چۈشىنىدۇ. ئەسلىدە، ئىنتىزام سىزنى كەلگۈسىدىكى پۇشايمان ۋە خارلىقتىن قۇتقۇزىدىغان بىر خىل سېلىنمىدۇر. شەخس ئۆزىگە: «مەن بۈگۈن زېرىكىشلىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق، ئەتە تېخىمۇ چوڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىمەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرگەندە، ئىنتىزام بىر يۈك بولماي، بىر تۈرلۈك قورالغا ئايلىنىدۇ.كىچىك سەكرەپ ئىلگىرىلەش: چوڭ نىشانلار ئادەمنى قورقۇتۇشى مۇمكىن، ئەمما كۈندىلىك كىچىك ئىشلار ئىرادىنى تاۋلايدۇ. مەسىلەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا كارىۋاتنى يىغىشتۇرۇش ياكى بەش مىنۇت كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، مېڭىگە «مەن ئۆزۈمنى تىزگىنلىيەلەيمەن» دېگەن سىگنالنى بېرىش كېرەك.ھەرىكەتنى رىتىملىق «ئادەت»كە ئايلاندۇرۇش: ئىنتىزام كۈندە يېڭىدىن قارار چىقىرىش ئەمەس، بەلكى قارار چىقارمايلا قىلىدىغان ئادەتلەر توپلىمىدۇر. تاماق يېيىش، ئۇخلاش، كىتاب ئوقۇش ۋە چېنىقىشنى مۇقىم سائەتكە باغلاپ، ئۇنى رىتىملىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇڭ. مېڭە بىر ئىشنى ئادەت قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلمايدىغان بولىدۇ، نەتىجىدە سىز «تەبىئىي» ھالدا ئىنتىزاملىق ئادەمگە ئايلىنىسىز.كەيپىياتنى ئەمەس، نىشاننى مەنبە قىلىش: ئىنتىزامسىزلىقنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى — كەيپىياتقا بويسۇنۇشتۇر. «بۈگۈن كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ» دېگەن سۆز چۇۋالچاقلىقنىڭ تىلىدۇر. ئىنتىزاملىق شەخس ئۆزىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ھەرىكىتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ؛ ئۇ چارچىغان ياكى زېرىككەن بولسىمۇ، تۈزگەن پىلانى بويىچە ئىشنى تاماملايدۇ. ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈش: پىلانىڭىز مۈجمەل بولسا، چۇۋالچاقلىققا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. كۈندىلىك ئىشلىرىڭىزنى «ئەتىگەن، چۈشتىن كېيىن» دېمەي، سائەت ۋە مىنۇتى بىلەن بېكىتىڭ. ۋاقىت جەدۋىلى سىزنىڭ ئەڭ قەيسەر «خوجايىنىڭىز» بولسۇن، كۆڭلىڭىز خالىمىسىمۇ شۇ سائەتتە شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىڭ.دىققەتنى چاچىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش: زېھىننىڭ چېچىلىشى ئىنتىزامنىڭ دۈشمىنى. بىر ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا تېلېفوننى باشقا ئۆيگە قويۇش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلەش ئارقىلىق «چوڭقۇر زېھىن قويۇش» ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش كېرەك. ئىنتىزام — دىققەتنى بىر نۇقتىغا جەم قىلىش دېمەكتۇر.نەتىجىنى ئەمەس، جەرياننى مۇكاپاتلاش: بىر ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە كىچىك بىر مۇكاپات بېرىڭ (مەسىلەن، بىر پىيالە چاي ياكى قىسقا دەم ئېلىش). بۇ مېڭىدىكى ئىنتىزاملىق ھەرىكەت بىلەن خۇشاللىق مەركىزىنى بىر-بىرىگە باغلاپ، قىيىن ئىشلارنى قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقنى ئاشۇرىدۇ.«پەقەت 5 مىنۇت» پىرىنسىپىنى قوللىنىش: بىرەر ئىشقا زادىلا قولىڭىز بارمىسا، «پەقەت 5 مىنۇتلا قىلىمەن، ئاندىن توختىتىمەن» دەپ ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىڭ. كۆپىنچە ئىشلارنىڭ ئەڭ قىيىن يېرى باشلىنىشىدۇر؛ بىر قېتىم باشلانغاندىن كېيىن، مېڭىڭىز سىزنى ئۆزلۈكىدىن شۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. مەغلۇبىيەتتىن كېيىن دەرھال ئەسلىگە كېلىش: مەغلۇبىيەت يۈكسەك نىشانغا يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىر جەريان. چۇۋالچاق ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ بولغۇچە «بولدىلا» دەپ تاشلاپ قويىدۇ. ئىنتىزاملىق ئادەم مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى سائەتتىن باشلاپلا يەنە تەرتىپكە قايتىدۇ. ئۆزىڭىزگە بەك قاتتىق بولماڭ، ئەمما قەتئىي بولۇڭ. ئائىلىدە ئىنتىزام بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ئېنىق ۋە ئورتاق «ئائىلە نىزامنامىسى» تۈزۈش: ئىنتىزام ئېنىقسىزلىق بار يەردە مەۋجۇت بولالمايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ، ھەممە ئادەم بويسۇنىدىغان ئاساسىي قائىدىلەرنى بېكىتىش ۋە ئۇنى يېزىپ ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرالايدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇش كېرەك. بۇ نىزامنامە ئۇيقۇ ۋاقتى، تېلېفون ئىشلىتىش چەكلىمىسى، ئۆيدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بىر-بىرىگە بولغان سۆز-ھەرىكەت ئەخلاقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى شەرت. قائىدىلەر ئالدىن بېكىتىلسە، كېيىنچە يۈز بېرىدىغان تالاش-تارتىشلارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە ھەممە ئادەم ئۆز چېگراسىنى بىلىدۇ. ۋاقىت رىتىمىنى قەتئىي مۇقىملاشتۇرۇش: ئائىلىدىكى چۇۋالچاقلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ۋاقىتنىڭ قالايمىقانلىقىدۇر. تاماقتىن كېيىن يىغىشتۇرۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، كىتاب ئوقۇش ۋە ئۇخلاش سائەتلىرىنىڭ مىنۇتىغىچە ئېنىق بولۇشى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىچكى سائىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار «ئۇيغۇرچە ۋاقىت» دېگەن بوشاڭلىقنى ئەمەس، بەلكى «بېكىتىلگەن ۋاقىت» دېگەن مەسئۇلىيەتنى كۆز ئاچقاندىلا كۆرۈپ چوڭ بولۇشى كېرەك. ۋاقىت رىتىمى بولغان ئائىلىدە جىددىيلىك ئازىيىدۇ، خاتىرجەملىك ئاشىدۇ.ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ۋە سۆز بىلەن ئەمەل بىرلىكى: بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىگە ئەمەس، ھەرىكىتىگە قاراپ ئىنتىزام ئۆگىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا ئۆزى تېلېفونغا بېرىلىپ كەتسە، ۋاقتىدا قوپمىسا ياكى ۋەدىسىدە تۇرمىسا، بالىلارغا «ئىنتىزاملىق بول» دېيىشنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى شۇ نىزامنامىگە ئەڭ قاتتىق بويسۇنۇشى، ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئىشىنى بىر قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام — بۇيرۇق بىلەن ئەمەس، ئۈلگە بىلەن سىڭدۈرۈلىدۇ.خىزمەت تەقسىماتى ۋە شەخسىي مەسئۇلىيەتنى ئايرىش: ئائىلە بىر كوللېكتىپ بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بىر مەسئۇلىيىتى بولۇشى كېرەك. ھەتتا كىچىك بالىلارغىمۇ ئۆي گۈللىرىگە سۇ قۇيۇش، ئۈستەل يىغىشتۇرۇش ياكى ئەخلەت تۆكۈش تەك ۋەزىپىلەرنى بېرىش لازىم. بۇ خىل تەقسىمات بالىلاردا «مەن بولمىسام بۇ ئىش ئاقسايدۇ» دېگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ. ھېچكىم «مېھمان» ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم «خوجايىن» بولغاندا، ئائىلىنىڭ ئىچكى تەرتىپى تەبىئىي شەكىللىنىدۇ.ئىزچىللىق ۋە «ھېسسىياتقا تايانماسلىق» پىرىنسىپى: ئىنتىزامنى يىمىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل — ئاتا-ئانىنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشىدۇر. كەيپىيات ياخشى چاغدا ھەممە ئىشقا رۇخسەت بېرىپ، كەيپىيات ناچار چاغدا قاتتىق قوللۇق قىلىش بالىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. قائىدە — ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ، يامغۇر ياغسىمۇ قائىدىدۇر. تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش بىر خىل ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ؛ بىر قېتىم يول قويۇلغان قائىدە بۇزۇلغان قائىدىدۇر.مۇكاپات ۋە جازا مېخانىزمىنى توغرا قوللىنىش: ئىنتىزام جازالاش دېمەك ئەمەس، بەلكى توغرا ھەرىكەتنى قەدىرلەش دېمەكتۇر. قائىدىگە ئەمەل قىلغان ئائىلە ئەزالىرىنى كىچىك مۇكاپاتلار ياكى ئىلھاملار بىلەن تەقدىرلەش، قائىدە بۇزۇلغاندا بولسا ئالدىن بېكىتىلگەن «جازا»نى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇ يەردە جازا ئاچچىق بىلەن ئەمەس، بەلكى تەربىيەۋى مەقسەتتە ۋە ئادىل بولۇشى شەرت.ھەپتىلىك «ئائىلە كېڭىشى» ئۆتكۈزۈش: ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى يىغىلىپ، ئۆتكەن بىر ھەپتىدىكى تەرتىپ-ئىنتىزام ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. نېمىلەر ياخشى بولدى؟ قايسى قائىدىلەرنى ئىجرا قىلىش قىيىن بولدى؟ كېلەر ھەپتە نېمىلەرنى ياخشىلاش كېرەك؟ بۇ خىل دېموكراتىك سۆھبەت ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتىزامغا «مەجبۇرلانغان»دەك ئەمەس، بەلكى «ئىگىدارچىلىق قىلغان»دەك ھېس قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. جامائەت ئىچىدە ئىنتىزام بەرپا قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ئېنىق ۋە يازما نىزامنامە قۇرۇش: بارلىق ھوقۇق، مەسئۇلىيەت ۋە جازا-مۇكاپات تەدبىرلىرى قەغەزگە چۈشۈرۈلۈپ ئاشكارە ئېلان قىلىنغاندا، كىشىلەرنىڭ «بىلمەي قاپتىمەن» ياكى «ئۇنداق دېمىگەن بولغىيتتىڭ» دەپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا ئورۇن قالمايدۇ. يازما نىزامنامە شەخسنىڭ كەيپىياتىغا ياكى تونۇش-بىلىش مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئۆزگەرمەيدىغان ئورتاق بىر ئۆلچەم بولۇپ، ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. نىزامنامىنىڭ تۈزۈلۈشى جەمئىيەتنى شەخسلەرنىڭ سۇبيېكتىپ باشقۇرۇشىدىن تۈزۈمنىڭ ئوبيېكتىپ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزىدۇ. مۇشۇنداق ئېنىق يازما قائىدىسى بولغان جەمئىيەتتە تەرتىپ سىستېمىلىق ساقلىنىدۇ، كۈچ چېچىلماي بىر نىشانغا مۇجەسسەملىنىدۇ.ۋاقىتنى ئەڭ ئالىي قانۇن قىلىش: ھەر بىر پائالىيەت، يىغىن ياكى ۋەدە دەل سېكۇنتىدا باشلىنىشى، بىر ئادەم كەلمىگەن بولسىمۇ قالغانلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئىشنى توختاتماسلىق پىرىنسىپ قىلىنىشى شەرت. ۋاقىتقا ئەمەل قىلماسلىق بىر خىل ئەخلاقسىزلىق ۋە باشقىلارنىڭ ئۆمرىنى ئوغرىلاش دەپ قارالغاندا، جەمئىيەت ئەزالىرىدا تەبىئىي بىر ھوشيارلىق ۋە جىددىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. قاچانكى ۋاقىت جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان تەۋرەنمەس ئۆلچەمگە ئايلانسا، چۇۋالچاقلىق ئۆزلۈكىدىن يوقاپ، مىللەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئاشىدۇ. سىستېمىلىق جەمئىيەت — ۋاقىتنى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋە ئەڭ قاتتىق قانۇن دەپ بىلگەن شەخسلەرنىڭ مۈرىسىدە قەد كۆتۈرىدۇ. سىستېمىلىق نازارەت ۋە ھېسابات بېرىش: ئەگەر قىلىنغان ئىشنىڭ نەتىجىسى سۈرۈشتە قىلىنمىسا ۋە خاتالىقنىڭ بەدىلى بولمىسا، ھەرقانداق ئېسىل تۈزۈم قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئەزانىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئۆلچەملەر بىلەن بېكىتىلىشى، قەرەللىك دوكلات بېرىش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئوچۇق-ئاشكارە نازارەت قىلىنىشى شەرت. ئۈنۈم ياراتقانلارنى مۇكاپاتلايدىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى سىستېمىلىق بەدەل تۆلىتىدىغان ئادىل بىر مېخانىزم جەمئىيەتتە تەبىئىي بىر تەرتىپ يارىتىدۇ. مۇشۇنداق ئۇچۇق ھېسابات بېرىش مۇھىتىدا، شەخسلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىپ، چۇۋالچاقلىقتىن سىستېمىلىق ھەرىكەتكە ئۆزلۈكىدىن يۆتكىلىدۇ. ئېنىق خىزمەت تەقسىماتى: . ھەر بىر ۋەزىپە كىملىكى ئېنىق بولغان بىر شەخسكە يۈكلەنگەندە، ئىشلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈلمەي قېلىشىغا ياكى بىر ئىشقا بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئارىلىشىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىغا ئورۇن قالمايدۇ. بۇ خىل تەقسىمات شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا قاراپ ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇلۇشىنى تەمىنلەپ، كوللېكتىپنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدۇ. مەسئۇلىيەت چېگراسى ئېنىق سىزىلغاندا، كىشىلەر ئۆز ھۆددىسىدىكى ئىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە نەتىجە ئۈچۈن بىۋاسىتە جاۋابكار بولىدۇ. مۇشۇنداق سىستېمىلىق تەقسىماتقا ئىگە جەمئىيەت پارە-پارە بولغان كۈچلەرنى بىر تۇتاش، ماس قەدەملىك ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچلۈك بىر ماشىنىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۈلگىلىك رەھبەرلىك رولى: ئەگەر يېتەكچى شەخسلەر ئۆزى تۈزگەن قائىدىگە ئۆزى بويسۇنمىسا، جەمئىيەت ئەزالىرىدا تۈزۈمگە نىسبەتەن ئىشەنچسىزلىك ۋە سەل قاراش پەيدا بولىدۇ. ھەقىقىي رەھبەر «مەن دېگەندەك قىل» دەيدىغان ئەمەس، بەلكى «مەن قىلغاندەك قىل» دەپ كۆرسىتىدىغان، ۋاقىتقا، سۆزىگە ۋە تەرتىپكە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ئەمەل قىلىدىغان كىشىدۇر. رەھبەرنىڭ ئىنتىزامچانلىقى پۈتۈن بىر سىستېمىغا جىمجىت، ئەمما قۇدرەتلىك بىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆزلۈكىدىن تەرتىپكە كېلىشكە مەجبۇرلايدۇ. مۇشۇنداق ئۈلگىلىك يېتەكچىلىك بولغاندا، ئىنتىزام سىرتتىن تېڭىلغان يۈك بولماي، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق غۇرۇرى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ. ئەزا تاللاش ۋە شاللاش مېخانىزمى: ھەرقانداق بىر كوللېكتىپقا ئەزا قوبۇل قىلغاندا پەقەت سىرتتىن كۆرۈنگەن قابىلىيەتكىلا ئەمەس، بەلكى شۇ شەخسنىڭ ئىنتىزامغا بولغان سادىقلىقى ۋە ئورتاق قىممەت قاراشقا ماسلىشىشچانلىقىغا جەزمەن قاراش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىستېمىنىڭ تەرتىپىنى قايتا-قايتا بۇزىدىغان، چۇۋالچاقلىقنى ئادەت قىلغان ۋە تۈزۈمگە بويسۇنمىغان ئەزالارنى سىستېمىدىن ۋاقتىدا شاللاش— قالغان ئەزالارنىڭ ئىشەنچىنى ۋە سىستېمىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. سۈپەتنى ساندىن ئۈستۈن قويغان، ئىنتىزامنى «ئەزا بولۇش»نىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى قىلغان جەمئىيەت ھەرگىزمۇ ئىچىدىن چىرىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇنداق ئېنىق كىرىش ۋە چىقىش دەرۋازىسى بولغاندا، جەمئىيەت بىر دۆۋە چاڭ-توزاندىن قۇتۇلۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىنتىزاملىق بىر پولات قوشۇنغا ئايلىنىدۇ.كوللېكتىپ غايە ۋە قىممەت قاراشنى سىڭدۈرۈش: بىر توپ ئادەمنىڭ بىر نىشانغا يۆنىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «بىز نېمە ئۈچۈن بۇ تەرتىپكە بويسۇنىمىز؟» دېگەن سوئالغا ئېنىق ۋە ئۇلۇغ بىر جاۋاب بولۇشى شەرت. قاچانكى شەخس ئۆزىنىڭ كىچىك مەنپەئەتىنى كوللېكتىپنىڭ چوڭ غايىسى ئۈچۈن قۇربان قىلىشنى بىر تۈرلۈك شەرەپ دەپ بىلسە، ئىنتىزام سىرتتىن تېڭىلغان جازا بولماي، بەلكى ئىچتىن كەلگەن بىر بۇرچقا ئايلىنىدۇ. ئورتاق قىممەت قاراش سىڭگەن جەمئىيەتتە، كىشىلەر نازارەت بولمىغان چاغدىمۇ ئۆزلۈكىدىن تەرتىپنى ساقلايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى بىر ئۇلۇغ سىستېمىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ ھېس قىلىدۇ. مۇشۇنداق روھىي بىرلىككە ئىگە جەمئىيەتتە چۇۋالچاقلىق ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ ۋە مىللەت بىر مۇستەھكەم پولات قورغاندەك بىرلىككە كېلىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا ئىنتىزام — بىر مىللەتنى چېچىلاڭغۇ بىر دۆۋە قۇمدىن، ھېچقانداق كۈچ يىمىرىپ تاشلىيالمايدىغان پولاتتەك قوشۇنغا ئايلاندۇرىدىغان بىردىنبىر قورالدۇر. دۆلەتنى ئازاد قىلىش جەريانى پەقەت ھېسسىيات ۋە شۇئار بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخستىن باشلانغان قاتتىق ھەربىيچە تەرتىپ ۋە سىستېمىلىق ھېسابات بېرىش مېخانىزمى ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. قاچانكى بىر خەلق ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسىنى يۆتكىلىشچان نىشانغا ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىق غايىسى ئۈچۈن قۇربان قىلالايدىغان يۈكسەك ئىرادىنى يېتىلدۈرگەندە، زۇلۇم زەنجىرلىرىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ھەقىقىي قۇدرەتكە ئېرىشىدۇ. سىستېمىلىق ئىنتىزام سىڭگەن بىر جەمئىيەتتە، چېچىلاڭغۇ كۈچلەر بىر نۇقتىغا جەم بولۇپ، ئازادلىقنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى قۇرىدۇ. قىسقىسى بىزنىڭ ئىنتىزامغا بولغان پوزىتسىيەرىمىز بىزنىڭ ئەڭ ئاخىردا ئالماس ياكى كۆمۈر ياكى ھەتتا كۈل بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ.




