Dr. Turdimuhammad Abdullahدوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
← بارلىق يازمىلارغا قايتىش
شېئىر

ئۆمىلاقمان

ئۆمىلاقمان: خوتەن شىۋىسى بولۇپ، دائىم، ھەرزامان، ھامان دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

Dr. Turdimuhammad Abdullah
Dr. Turdimuhammad Abdullah
•
ئۆمىلاقمان

ئۆمىلاقمان

تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ

ئىزاھات:
(ئۆمىلاقمان: خوتەن شىۋىسى بولۇپ، دائىم، ھەرزامان، ھامان دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.)

نۇرغۇن ئىنسان زىيان ئىچرە غاپىل يۈرەر ئۆمىلاقمان،
پەقەت ئىمان، ئەمەل، دەۋەت نەپ ئەپ كېلەر ئۆمىلاقمان.

ئاقىل كىشى قىزىقماستىن دۇنيادىكى مەئشىيەتكە،
چىن ئەقىدە، ھەق رىزاسى، جەننەت تىلەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان بىلەن ھايات كۆكلەر، تۇرار مەزمۇت يېقىلماستىن،
شېرىن-شەربەت مېۋە تىلغا لەززەت بېرەر ئۆمىلاقمان.

قانچە كاتتا بىلىنسىمۇ باتىل شوئار، شېرىك يوللار،
يىپ ئۆزۈلگەن لەگلەك كەبى ئۆمۈر سۈرەر ئۆمىلاقمان.

سوراپ قالساڭ «بەخىت نەدە»، دېسەم بەلكىم ئىشەنمەسسەن،
«ئاللاھقا چىن ئېسىلغان دىل خوشال يۈرەر ئۆمىلاقمان».

بولۇپ كەتسۇن مىليونىر باي، يا ھۆكۈمران ئىمانسىزلار،
ئۈمىدسىزلىك قاينىمىدا ئاچچىق كۈلەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان دېگەن ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان كاتتا نېئمەت،
چۈشەنگەنلەر ئۇنى جاندىن قىممەت بىلەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان دېگەن ئەڭ چوڭ ئۇزۇق، قۇۋۋەت بېرەر روھىمىزغا،
ئىمانسىز دىل بۇزۇلار تىز، چىرىپ تۈگەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان بىلەن قەدىر- قىممەت، بارچە ئىززەت ئاڭا تالىق،
ئاللاھ دەپلا ياشىغانلار ئەزىزلىنەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان بىلەن ئازات ئىنسان جىمى مەخلۇق قۇللۇقىدىن،
يوقار ئۇندا زۇلۇم، خارلىق، تۈن-پەردىلەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان بىلەن دۇنيا گۈزەل، مۇھەببەتكە ئۇرۇق سالغاچ،
تاش قەلىبمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۇ بوپ ئېرەر ئۆمىلاقمان.

ياشاشتىكى غايە-نىشان ئىمان بىلەن بولار يۈكسەك،
تارىخقا باق، ئەينا نۇرغۇن بار ئۈلگىلەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان دېگەن نۇرلۇق قوياش ئاق-قارىنى كۆرسەتكۈچى__
ئورىنى كىم كولار بولسا ئۆزى كىرەر ئۆمىلاقمان.

ئىمان بىلەن بىر ئادالەت، سەۋىر تاقەت، ئەقىل-ھېكمەت.....
شۇنداق، ھەممە ئېسىل گۈللەر ئۇندىن ئۈنەر ئۆمىلاقمان.

باشقا ماقالىلەرگە نەزەر سېلىڭ

بارلىق ماقالىلەر