Dr. Turdimuhammad Abdullahدوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
← بارلىق يازمىلارغا قايتىش

25 يىل=چارەك ئەسىر!

تۈنۈگۈنلا يېڭى بىر ئەسىرگە قەدەم قويغان، «ئۇچۇر دەۋرى باشلاندى» دەپ ھاياجان بىلەن جار سالغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن شۇ ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى پۈتۈن بىر چارەك ئەسىر تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ بولدى.

•
25 يىل=چارەك ئەسىر!


ئاتتى تاڭلار، پاتتى كۈنلەر، ئۆتتى غەپلەتتە زامان،
بىر كۆرۈنۈپ، بىر يوقالدى، سۇدەك ئاقتى بۇ جاھان.
ھەر بىر تىنىق بىر غەنىيمەت، قەدرىنى بىلگەن يامان،
بول گۆھەر بەرگىن مېۋە، بولمىغىن خەشتە سامان.

تۈنۈگۈنلا يېڭى بىر ئەسىرگە قەدەم قويغان، «ئۇچۇر دەۋرى باشلاندى» دەپ ھاياجان بىلەن جار سالغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن شۇ ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى پۈتۈن بىر چارەك ئەسىر تارىخ بەتلىرىگە كۆمۈلۈپ بولدى. 25 يىل... بۇ بىر بوۋاقنىڭ يېتىلىپ، ئۆسۈپ، بىر ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرالايدىغان ناھايىتى ئۇزۇن، ئەمما غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن بىر كۈندەكلا قىسقا بىر مۇساپە.
ۋاقىت بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك، ئەمما قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر بايلىق. بۇ چارەك ئەسىردە دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى پەۋقۇلئادە تىز بولدى. بولۇپمۇ تېخنىكىلىق تەرەققىياتلار بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۇندى، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە بىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى.
1. بىز نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟
• قۇلاي بىلىم ئېلىش پۇرسىتى: ئىلگىرى بىرەر كىتاب ياكى مەلۇمات ئۈچۈن كۈتۈپخانىلاردا كۈنلەپ ۋاقىت سەرپ قىلاتتۇق. دۇنيانىڭ بۇ بۇرجىكىدىن ئۇ بۇرجىكىگە سەپەر قىلاتتۇق. بۈگۈن دۇنيا بىلىم خەزىنىسى يانفونىمىزغا سىغىدىغان بولۇپ كەتتى. شەخس سۈپىتىدە ئۆزىمىزنى تەربىيەلەش پۇرسىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى.
• رەقەملىك جەم بولۇش: ئومۇمەن دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىدە بولمايلى، ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، مىللىي كىملىكىمىزنى رەقەملىك دۇنيادا نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. (كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا بۇ پۇرسەت تۇلۇقى بىلەن نېسىپ بولمىغان بولسىمۇ)
• چەك چىگرىسىز پۇرسەتلەر: تېخنىكا بىزگە يەر يۈزىنىڭ خالىغان جايىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، تىجارەت قىلىش ۋە ئۆز ئىقتىدارىمىزنى دۇنيا مىقياسىدا جارىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.
2. بىز نېمىلەرنى يوقاتتۇق؟
• خاتىرجەملىك ۋە مەخپىيەتلىك: تېخنىكا بىزگە ئەركىنلىك بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىزنى «ئېكران تۈرمىسى»گە قاماپ قويدى. شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىز بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇماتقا ئايلىنىپ قالدى.
• ئارىمىزدىكى سەمىمىيەت: بىزنىڭ ئەنئەنىۋى «مەھەللە،جامائەت» تۇيغۇلىرىمىز ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، ئورنىنى رەقەملىك يالغۇزلۇق ئىگىلىدى. بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپمۇ، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراشنىڭ ئورنىغا ئېكرانلارغا تەلمۈرىدىغان بولۇپ قالدۇق.
• چوڭقۇر پىكىر قىلىش قابىلىيىتى: قىسقا سىنلار ۋە تۈگىمەس ئۇچۇر ئېقىمى بىزنىڭ چوڭقۇر پىكىر قىلىش، كىتاب ئوقۇش ۋە سەۋرچانلىق خىسلەتلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى.

3. ياشلىرىمىز ۋە رەقەملىك كىملىك كىرىزىسى
بۇ جەرياندا ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىغۇچىلار — بىزنىڭ كەلگۈسىمىز بولغان ياشلىرىمىز. ئۇلار دەل مۇشۇ ھەم پۇرسەت ھەم خىرىسقا تولغان تېخنىكا دەۋرى ئۈستىگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتماقتا:
• مەۋھۇم بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى قىسىلىش: ياشلىرىمىز بىر تەرەپتىن رەقەملىك دۇنيانىڭ پارقىراق، ئەمما يالغان تۇرمۇش ئەندىزىلىرىگە ھەۋەس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن رېئال تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلماقتا.
• كىملىك تۇمانلىرى: ياشلىرىمىز دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك ئېقىمىدا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قېلىشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تىل ۋە مەدەنىيەت بايلىقىمىزنى تېخنىكا ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا، يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ساداقەتمەن ئىستېمالچىسىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپى كۈچىيىۋاتىدۇ.
• پىسخىكىلىق بېسىم: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى «باشقىلاردەك نوچى بولۇش» مودىسى ياشلىرىمىزدا ئۆزىگە ئىشەنچسىزلىك، تەشۋىش ۋە بوشلۇق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلماقتا.

خۇلاسە
بىز بۈگۈن تېخنىكىنىڭ «خوجايىنى» بولۇش بىلەن «قۇلى» بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى نېپىز چىگرىدا تۇرىۋاتىمىز. ئەگەر بىز تېخنىكىنىڭ ئىجادچىلىرى بولالىساق ۋە ئۇنى مائارىپىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، كىملىكىمىزنى قوغداش ۋە ياشلىرىمىزنى توغرا يېتەكلەشكە ئىشلىتەلىسەك، ئۇ بىز ئۈچۈن قايتا گۈللىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەگەر بىز تېخنىكىنىڭ پاسسىپ ئىستېمالچىسىلا بولۇپ قالساق،ئۇنداقتا بىز تېخنىكىنىڭ يەمچۈكىگە ئايلىنىپ قالىمىز.

باشقا ماقالىلەرگە نەزەر سېلىڭ

بارلىق ماقالىلەر
1 / 11