Dr. Turdimuhammad Abdullahدوكتور تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
← بارلىق يازمىلارغا قايتىش

غەزەللەر

ئاللاھ بىزنى ياراتتى ،بېرىپ ئەقىل -پەم ئەينا، ئەزىز قىلدى بىزلەرنى ،بارچە ئىچرە ئەڭ ئەينا.

•
غەزەللەر


غەزەللەر
تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
ئاللاھ بىزنى ياراتتى ،بېرىپ ئەقىل -پەم ئەينا،
ئەزىز قىلدى بىزلەرنى ،بارچە ئىچرە ئەڭ ئەينا.
«سەجدە قىل»دەپ بۇيرىدى پەرىشتىنى ئادەمگە،
ئورۇندىدى بۇيرۇقنى ،بولۇپ ھەممە جەم ئەينا.
بەردى بىزگە يەتكۈچە نېمەت ،ئىززەت ئىگىمىز،
ئاڭا شۈكۈر ،قانائەت،ئەمەل بىزدە كەم ئەينا.
چۈشەنمەيمىز كۆپىمىز: «سىناق ئەسلى بۇ دۇنيا،
پۇختا بولسۇن تەييارلىق ،ئالدىمىز چوڭ جەڭ ئەينا»
خۇدا قىلدۇق بەزىمىز پۇل-ئەمەلنى،شۆھرەتنى،
ئاڭا غۇرۇر،ئادالەت،رەھمەت بولدى يەم ئەينا.
يول باشلىدۇق بەزىمىز ئازغۇنلۇققا ،پىتنىگە،
ئازاد بولۇپ خىزمەتتىن شەيتان ئالار دەم ئەينا.
يالغان ساراڭ كۆپەيدى،ساراڭغا يوق سوت دېسە،
دەسسەر يولنى ئېگىز-پەس_راست ساراڭدەك ھەم ئەينا.
ھايۋان بىلەن بەسلەشتۇق يەپ-ئىچىشتە،ئويۇندا،
ئىنسانلىقنى ياراتماي،ئاتاپ بۇنى«پەن»ئەينا.
غۇرۇر ئەرچۈن ئارتۇق يۈك،ھايا _تۈرمە قىزلارغا،
ئەمما غەيۋەت،تۆھمەتتە ئەر-ئاياللار تەڭ ئەينا.
دېمەك يەكۈن ئەي دوستلار،زامان ئەسلى تار ئەمەس،
«ئادەم»بولساق ھەقىقىي جاھان بىزگە كەڭ ئەينا.

باشقا ماقالىلەرگە نەزەر سېلىڭ

بارلىق ماقالىلەر
1 / 11