لوقمان شۇنداق دەيدۇ
سىرلىرىڭنى قاپلىساڭ سىردا، يازنى قىش دەپ يازساڭ چاندۇرماي،
•

لوقمان شۇنداق دەيدۇ
-تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
سىرلىرىڭنى قاپلىساڭ سىردا،
يازنى قىش دەپ يازساڭ چاندۇرماي،
يۈزمىڭدىن كۆپ يۈزۈڭ بولسىمۇ،
يانسا گەر ئوت قالار قالدۇرماي.
تېشىڭنى تاش بىلەن ئوراپ باق،
قارا ئەمەس، قار دەپ توۋلاپ باق،
نىقاپلانسۇن ئالتۇندا ئالدىڭ،
پىرئەۋن كەبى پىرنى دوراپ باق.
سۆڭىكى يوق تىلدا تىللىساڭ،
يېغا باشلاپ ئۆزۈڭ يىغلىساڭ،
ئىشى بارلار بەلكى ئىشىنەر،
كۆزى بارنى كۆزگە ئىلمىساڭ.
قانات ئەمەس قان ئاققان قوللار،
يولسىز بولساڭ تۈز ئەمەس يوللار،
مەھشەرگاھتا ئاي كەبى ئايدىڭ،
جاھاننى بىر تورىغان تورلار.










