تېمىسىز
خىلۋەتتە مۇز تۇتۇپ قاتقان خىياللار، داۋانغا ئايلاندى بېسىپ ئۆتمەك تەس.


تېمىسىز
-تۇردىمۇھەممەد ئابدۇللاھ
خىلۋەتتە مۇز تۇتۇپ قاتقان خىياللار،
داۋانغا ئايلاندى بېسىپ ئۆتمەك تەس.
ھەر تاڭدا كۆمۈلۈپ قالغان سوئاللار،
گال ئۈچۈن دەسسىلىپ ئالمىدى نەپەس.
ئۇچۇرماس لەگلەكنى مىسكىن شاماللار،
بۇلۇتتا ئۈزمەككە قالمىدى ھەۋەس.
كۈن بويى قوياشنى توسقاچ تۇمانلار،
ساپمۇ ساق كۆزلەرمۇ بوپ قالدى ئەلەس.
پۇت قولدىن تىز ئىشقا كىرەر زۇۋانلار،
ئاۋازلار پەلەكتە، نەق ئىش قالدى پەس.
سۇ كەبى توختىماي ئاقار زامانلار،
غەرىق بوپ كېتەيمۇ؟ تۇرايمۇ يا دەس؟










